Free shipping within Turkey for book buyers over 5,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 5,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 5,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 5,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ
Delivery Select Region

پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاياللىرى

پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاياللىرى

ORDER WITH WHATSAPP
Fast Shipping
Secure shopping
تەرجىمە قىلغۇچىدىن

بۇ تۇنجى ئەمگىكىمنى ئەزىز ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم ئىچىدە ياشاۋاتقان، ئۇلارنىڭ يېنىدىكى كۈنلەردە ماڭا ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل كۈنلەرنى ياشاتقان، ئاللاھ يولىدا تىكىلىپ، مېۋە بەرگەن بىر كۆچەت بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىپ بارلىقىنى ماڭا بېغىشلىغان باغرى ئىللىق ئانام ۋە پىداكار دادامغا بېغىشلايمەن.
بۇ كىتابنى بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمان خانىم -قىزلىرىنىڭ چاڭقىغان قەلبىگە ئابىھايات سۈيى، مۇھاجىرەت ھاياتىدىكى تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنىلىپ مۇڭلانغان كۆڭۈللىرىگە تەسەللى، كىشىلەر بارغانچە ئۆز دىنىدىن ۋە مىللىي كىملىكلىرىدىن يىراقلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئاياللىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنى تونۇشىغا بىر ياردەمچى، كەلگۈسى يوللىرىنى يورۇتۇپ، ئۇلارغا بولباشچى رولىنى ئۆتەيدىغان نۇرلۇق بىر ماياك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ تەرجىمە ئۈچۈن قولغا ئالدىم. بۇ ھەمشىرىلەردىن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن  كەچۈرمىشلىرىم ئۇلارنىڭكى بىلەن دەل ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن مىللەتنىڭ خانىم - قىزلىرى ھېس قىلغان تۈرلۈك ئازاب، ۋەتەنسىزلىك، زۇلۇمغا قارشى غەزەپ، غېرىبلىق، ئائىلە سېغىنىش ھەسرىتى مەندىمۇ ئوخشاش، بۇلار مېنىڭمۇ ھەم يۈرىكىمنى كۆيدۈرۈۋاتقان بىر ئوتتۇر. بۇ قەدىردانلارنىڭ مۇڭلۇق كۆزلىرىدىن ئاققان ھەربىر تامچە ياش مېنىڭ كۆز يېشىم، ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا ئەكىس ئەتكەن خۇشاللىق جىلۋىسى مېنىڭ جىلۋەمدۇر.
 ھايات قايناملىرىدا چارىسىزلەرچە ئىختىيارسىز ئېقىپ كېتىۋاتقان بۇ ناتىۋانلارغا بۇندىن كېيىنكى ھايات يولىدا خاتىرجەملىك، خۇشاللىق، جەم بولۇش سۆيۈنچىسى ئاتا قىلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن!
بۇ ئەمگەكنى قىلىش باسقۇچىدا مېنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن، سەۋر كۆرسەتكەن ئائىلەم ۋە ئوماقلىرىمغا، قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ ئۆتكۈر پىكىرلىرىنى بىزگە تەقدىم قىلغان ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ئۇستازغا، بۇ خىزمەتنىڭ تاماملىنىشىدا ياردىمىنى ئايىمىغان گۈزەل قەلبلىك ھەمشىرىلىرىمگە، كىتابنىڭ قولغا تېگىشىدە كۆپ كۈچ چىقارغان بارلىق كىشىلەرگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن!
بۇ تەرجىمىدە ئىنسان بولغانلىقىم، شۇنداقلا تەجرىبەمنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى تۈرلۈك خاتالىق ۋە نۇقسانلارنىڭ كۆرۈلۈشى مۇقەررەر، شۇڭا ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۈزىتىپ ئوقۇشىنى، كەمچىلىكلىرىمنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى سورايمەن، ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
ئاللاھ بىزگە كۇپايە، ئۇ ئەڭ ياخشى ۋەكىلدۇر!


كىتابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە:

بۇ كىتاب ئوقۇرمەنلەرنى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بولۇشقا چاقىرىدۇ. شۇنداقلا، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ ھاياتىنى چۈشىنىشتە مۇھىم بىر مەنبە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ۋە سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. كىتابتا مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئىسلامنى تارقىتىش ۋە ئۆگىتىشتىكى رولى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ شۇ دەۋردە خەلق ئۈچۈن يېتەكچى ۋە مۇئەللىمە بولۇپ خىزمەت قىلغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.
بۇ كىتابتا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاياللىرىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) نىڭ ئايالى خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى سارا ۋە ھاجەر، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى مەريەم، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ۋە باشقا نۇرغۇن مۇھىم شەخسلەرنىڭ ھاياتىغا دائىر ۋەقەلىكلەر، ئائىلە ھاياتىدىكى ئەر-ئاياللارنىڭ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتلىرى، شۇنداقلا ئىسلامىي پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدىكى مۇھىم مەزمۇنلار ئورۇن ئالىدۇ.
كىتابنىڭ باشقا بىر مۇھىم خۇسۇسىيىتى، ئۇنىڭ ئىلمىي ۋە روشەن ئىپادىلەش ئۇسلۇبى بولۇپ، بۇ مەزمۇننىڭ ئاسان چۈشىنىلىشى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىنى قولايلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ كىتاب ئىسلام تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىكى ئاياللارنىڭ رولىنى ئانالىز قىلىشتا ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتىنى باھالاشتا قىممەتلىك بىر مەنبە بولالايدۇ، زامانىۋى ئىسلام جەمئىيىتىدىكى ئاياللارغا ئۆز مەسئۇلىيەت ۋە ۋەزىپىلىرىنى تونۇپ، ئىسلامنى تارقىتىش ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا تۆھپە قوشۇشقا چاقىرىدۇ.

 
Writerمۇستافا مۇراد
Number of pages226
Translated byپاتىمە ئىسلام
Size- 32 Cuts
Coversoft
Publication Year2025
Browse through these books
Loading...