Free shipping within Turkey for book buyers over 3,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 3,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 3,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 3,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ
Delivery Select Region

دەردلەر داۋاسى

دەردلەر داۋاسى

ORDER WITH WHATSAPP
Fast Shipping
Secure shopping
ھاياتتىن مەنە ئىزدەش، بەختكە ئىنتىلىش ئىنسان زاتىغا ئورتاق بىر ئىشتىياقتۇر. تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، ئوخشاش تەكرارلىنىۋاتقان زېرىكىشلىك ھايات رىتىمى، ھايات قايناملىرىدا گاھ لەيلەپ، گاھ چۆكۈپ نىمجان ھاياتىنى داۋام ئېتىۋاتقان ئادەملەر توپى، ئارىمىزدىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان مېھىر-مۇھەببەت، گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردىكى چىنلىقنىڭ كېمىيىشى، ۋاپا-ساداقەتنىڭ چۆكۈشى... مانا بۇلار مېنى ئىزچىل تېگى يوق ئويلارغا باشلايدۇ.
بىز كىم ئىدۇق، كىم بولدۇق، ئەمدى كىم بولۇپ ياشايمىز؟! بۇ ھەقتىكى تۈگىمەس سوئاللار ۋە ئەتراپىمدا بولۇۋاتقان زىددىيەتلىك ھادىسىلەر مېنى گويا چۆرگىلىتىپ قويۇۋېتىلگەندەك گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. ئەنە شۇنداق ئازابلىق ھەم ئىزتىراپلىق لەھزىلەردە ئىچ-ئىچىمدىن پارتلاپ «ھەي ھايات سېنىڭ ياشىغۇدەك نەرىڭ بار؟!» دەپ ۋارقىرىغۇم كېلىدۇ. لېكىن ۋارقىرىغۇدەك دەرمان نەدە؟! پەقەتلا ئىچ-ئىچىمدىن سىرغىۋاتقان مىسكىنلىك ۋە غېرىبلىقنىڭ ئاجىز تىۋىشلىرىنى ئاڭلىغاندەك بولىمەن، ئۆزۈمگە قۇلاق سالىمەن، يۈرىكىمنى تىڭشايمەن، ئىچىمگە چۆكىمەن... گويا تۇغۇلۇشۇم مېنىڭ ئىختىيارىمدا بولمىغاندەك، ھاياتىم قاچان، قەيەردە، قانداق ئاخىرلىشىدۇ؟ بۇ مېنىڭ ئىلكىمدىكى ئىش ئەمەس. ئەمما روشەن ھەقىقەت شۇكى، «ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر».[1]
دائىم ئۆز-ئۆزۈمگە «قەيەردە ياشاي، ھاياتىمنى قەيەردە ئاخىرلاشتۇراي، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشەلىگۈدەك ھالدا ياشىسامكەن» دەپ پىچىرلاپ ھەمدە ئارزۇ قىلىپ كەلدىم. ئەلۋەتتە، ھەربىرىمىز ئارزۇلىرىمىز ئۈچۈن ياشايمىز، ئارمانلىرىمىزنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن دەرمان ئىزدەيمىز. بىزنىڭ دەل مۇشۇنداق ئارمان بىلەن دەرمان ئارىسىدىكى تېپىرلاشلىرىمىز ھاياتىمىزغا قىممەت ۋە مەنە ئاتا قىلىدۇ. غايىمىزدىكى ئۆرنەكلىك ھاياتتا ياشاش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئادەمىي كامالەتكە يېقىنلاشماق زۆرۈر. ئۇنداقتا، ئادەمىي كامالەت قەيەردىن باشلىنىدۇ؟!
شەكسىزكى ئۇ، ھىدايەت ئۈستىگە قۇرۇلغان روھىي پاكلىقتىن باشلىنىدۇ. «روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ»[2]

روھنى پاكلاش نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟!
روھنى پاكلاش دىنىمىزدىكى غوللۇق تېمىلارنىڭ بىرى. چۈنكى ئادەمنى باشقا مەخلۇقلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرغىنى، ئۇنى يۈكسەكلىك ۋە ئالىي ماقامغا ئىگە قىلغىنى ئۇنىڭدىكى روھتۇر. بىز ئادەمنى گويا بىر ماشىنا دەپ پەرەز قىلساق، روھ ئۇنىڭ ماتورىدۇر. ماتورىدىن چاتاق چىققان قۇرۇق گەۋدىنىڭ بىر دۆۋە ئەخلەتتىن ھېچ پەرقى يوق.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن قېرىندىشىم، قولىڭىزدىكى «دەرتلەر داۋاسى» ناملىق بۇ ئەسەر بۇنىڭدىن يەتتە ئەسىر بۇرۇن مەشھۇر ئىسلام ئالىمى، فەقىھ، مۇھەددىس، مۇجتەھىد ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزىيە تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئەسەرنىڭ يېزىلىشىغا ئىخلاسمەن، تەۋبىكار بىرەيلەننىڭ سورىغان بىر سوئالى تۈرتكە بولغانىكەن. مەزكۇر كىتابنىڭ تۇنجى قۇرلىرى دەل شۇ سوئال بىلەن باشلىنىپ، باشقا مەزمۇنلار شۇ سوئالنىڭ جاۋابى سۈپىتىدە داۋاملىشىدۇ. مەن مەزكۇر ئەسەر بىلەن تۇنجى ئۇچراشقان چېغىمدا گويا ھېلىقى سوئال سورىغۇچى بىزنىڭ ئارىمىزدا ياشاۋاتقان بېرىدەك، كۆپچىلىك كىمدىن، قانداق سوراشنى بىلەلمەيۋاتقان بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغاندەك ھېسسىياتقا كەلگەنىدىم. ئەسەرنى باشتىن-ئاخىر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى تىلداش، دىلداش قېرىنداشلىرىمغا سۇنسامكەن، شۇلارمۇ بەھرىلەنسە... دەپ ئويلىدىم ۋە دەرھاللا تەرجىمىسىگە تۇتۇش قىلدىم. تەرجىمىنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە ئىشەنچىلىك بولۇشى ئۈچۈن تىتول بەتتە ئىسمى يېزىلغان ئىككى قېرىندىشىمىزنى ھەمدەم بولۇشقا تەكلىپ قىلدىم. ئۇلارمۇ خۇشاللىق بىلەن بۇ خىزمەت ئۈچۈن باش قوشۇشتى ۋە ئاساسەن كىتاب پۈتكەنگە قەدەر يېنىمدا بولدى. نەتىجىدە بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمىسى ئۆزىمىز پىلانلىغان ۋاقىت ۋە سۈپەتتە تاماملاندى.
كۆپىنچە ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ئايان بولغاندەك، مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئىسلام تارىخىدىكى تەسىر كۈچى زور ساناقلىق شەخىسلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىسلام دۇنياسىغا ناھايىتى كەڭ تارقالغان ۋە نۇرغۇن ئالىملار ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە شەرھ، مۇلاھىزە، ئىلاۋىلەرنى يېزىشقان. مەزكۇر ئەسەرمۇ بىر قانچە قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈلگەن ۋە قايتا-قايتا بېسىلغان. شۇنداق بولغاچقا، بۇ ئەسەرنىڭ نۇسخىلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولغان. گەرچە نۇسخىلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيەسى ۋە ئاساسلىق مەزمۇنلىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا كىتابنىڭ رەتلىنىشى، ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپلىرىدە قىسمەن ئۆزگىرىشلەر بولغان. بىر قىسىم كۆزدىن كەچۈرگۈچىلەر تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن بەزى مەزمۇنلارنى چىقىرىۋەتكەن ياكى ئىزاھاتلارنى بېرىپ ئۆتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ تەرجىمىنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قولىمىزدا بار باشقا نۇسخىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقتۇق ۋە ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يېتىشىچە ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرىشتۇق.
مېنىڭچە، بۇ ئەسەر ھازىرغىچە يېزىلغان ياكى تەرجىمە قىلىنغان مۇشۇ تۈردىكى ئەسەرلەردىن مۇنداق بىر قانچە نۇقتىدا ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ:
  1. ئەسەردە ئادەملەرنىڭ روھىي دۇنياسى ناھايىتى ئىنچىكە ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، ئۇلاردىكى پەزىلەت ياكى رەزىللىكنىڭ ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلگەن، شۇنداقلا ئەقلىي يوسۇندا چۈشەندۈرۈلگەن.
  2.  ئىنساندىكى روھتىن ئىبارەت بۇ جەۋھەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇنى قانداق قوغداش، شۇنداقلا قانداق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ يوللىرى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن.
  3. گۇناھ-مەئسىيەتكە چۈشۈپ قالغانلارغا كەچۈرۈلمەس جىنايەتچىلەر سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنماستىن، بەلكى دوستانە ھالدا ئۇلارنىڭ قولىدىن تۇتۇپ توغرىغا يېتەكلەشنى ۋە يول كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلغان.
  4. ئەسەردە باشتىن-ئاخىر ئىلاھىي سۆيگۈ ۋە ئىنسانىي مېھىر-مۇھەببەت كۈيلەنگەن.
  5. كۆپلىگەن ھېكايەت ۋە قىىسسەسەلەرنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئەسەرنىڭ تەسىرچانلىقى ۋە جەلپكارلىقى ئاشۇرۇلغان.
  6. تېمىلارغا مۇناسىپ ھالدا خىلمۇ-خىل مەزمۇندىكى شېئىرلار قىستۇرۇلۇش ئارقىلىق تىل ۋە تەسۋىر سەنئىتىنى پالاق قىلىپ ئادەملەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا شۇڭغۇپ، قەلب قېتىدىكى مېھىر-مۇھەببەت ۋە پەزىلەت بىخلىرىنى تەۋرىتىپ، بۇرۇختۇملۇق ئىچىدە تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.
  7. ئىنساننى ئىنسانلىق ماقامىدا چۈشىنىش تەشەببۇس قىلىنىپ، ئۇنى گاھ پەرىشتىلەرچە مەسۇملۇقتا كۆككە كۆتۈرۈپ، گاھ شەيتانلارچە ئازغۇنلۇق بىلەن تامغىلاشتەك ئوڭچىللىق ۋە سولچىللىق خاھىشلىرىدىن يىراق تۇرغان.
  8. تەرجىمىدە مۇمكىنقەدەر ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل ئىشلىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى ۋە شېئىرلار مەزمۇن جەھەتتىن ئەسلىي مۇددىئادىن چەتنىمىگەن ھالدا ئۇيغۇرچە شېئىر شەكىلدە تەرجىمە قىلىندى.
يۇقىرىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ئوقۇرمەنلەرنى تەبىئىي ھالدا گويا شىلدىرلاپ سۇلار ئېقىپ تۇرغان ياپيېشىل باغچىدا، سىرداش بىر دوستى بىلەن ئۆز ئارا ھەقنى تەۋسىيە قىلىشىپ، گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن قانداق ساقلىنىش ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشقاچ سەيلە قىلىۋاتقاندەك، ئارامدىل، يەڭگىل ۋە ئازادە تۇيغۇلارغا باشلايدۇ.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن قېرىندىشىم! مەن قولۇمدىكى بار ئىمكانىيەتلەر بىلەن ھايات تەشۋىشلىرى ئاستىدىكى تەشنا قەلبىڭىزگە بىر پىيالە چاي، قارا بۇلۇتلار ئاستىدىكى ئەگرى-توقاي يوللىرىڭىزغا بىر دانە شام ھازىرلىدىم. ئۈمىدىم، بۇ ياققان شامىم يولىڭىزغا كىچىككىنە نۇر بېرەلىسە، ھاياتىڭىزغا زەررىچە يېڭىلىق قوشالىسا، ھەممىدىن سوۋۇپ كېتىۋاتقان قەلبىڭىزگە ئاز بولسىمۇ ئۈمىد ۋە تەسەللىي بىغىشلىيالىسا...!
ئاخىرىدا، بۇ قېتىملىق نەشرىدىن بۇرۇن كىتابتىكى ھەدىس ۋە ئەسەرلەرنىڭ مەنبەلىرىنى تېپىش ۋە ئىزاھات يېزىشقا ھەمدەمدە بولغان، مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئىسلام ئۇنىۋېرىستېتىنى پۈتتۈرگەن، ئېنىمىز مۇھەممەد ئابدۇلھەمىدكە ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن، ئىلھام بەرگەن، ئەسەرنىڭ پۈتۈپ چىقىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن، سۈيلەپ تۇرغان بارلىق ئۇستازلار، سەپداشلار ۋە قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە مۆھتەرەم ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ پىكىر-تەكلىپ ۋە ئىلمىي تەنقىد بېرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
 -ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئىمىن

2023/03/01
 
[1] سۈرە ئال ئىمران 185-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[2] سۈرە شەمس 9-ئايەت.
WriterImam Ibn Qayyim al-Jawziyya
Number of pages500
Translated byAbdulmijit Muhammad Amin
Language of the BookUyghur
ColorPale
Size- 32 Cuts
Species1
CoverHard
Publication Year2025
PublisherEwlat Publications.
Browse through these books
How can we help you?
Son Gezilenler
Loading...