Free shipping within Turkey for book buyers over 5,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 5,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 5,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 5,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ
Delivery Select Region

ئىسلام تارىخى

ئىسلام تارىخى

ORDER WITH WHATSAPP
Fast Shipping
Secure shopping
تارىخ ئۈممەتنىڭ خاتىرىسىدۇر. ئۇ شەخسنىڭ خاتىرىسىگە تامامەن ئوخشايدۇ. ئۈممەت تارىخ ئارقىلىق ئۆتمۈشىنى چۈشىنىدۇ، ھازىرىنى ئىزاھلايدۇ ۋە كەلگۈسىگە يول خەرىتىسى سىزىدۇ.
خاتىرىسىنى يوقاتقان ئىنسان بوۋاققا ئوخشاش ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ئاڭقىرالمايدۇ. ئۆزىنى چۈشىنىش، بۈگۈنىنى ھېس قىلىش، ئەتىسىنى پەرەز قىلىشتىن ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. شۇنىڭدەك، تارىخىنى يوقاتقان، ئەقلى بۇلغىنىشقا ئۇچرىغان مىللەتمۇ يولىدىن ئازىدۇ، باشقىلارغا تىزگىنىنى تۇتقۇزۇپ، يول كۆرسىتىشىگە موھتاج ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.
تارىخ ئەمەلىيەتتە ئۆتمۈشنىڭ بىلىمى بولماستىن، ھازىرنىڭ ۋە كەلگۈسىنىڭ بىلىمدۇر. ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالىغان ئۈممەت تارىخ ئېڭى ئارقىلىق ئۆتمۈشىنى چۈشىنىپ، ھازىرىنى ئىزاھلىيالىغان ۋە كەلگۈسىگە يول خەرىتىسى سىزالىغان ئۈممەتتۇر.
-دوكتور ئابدۇلئەزىم مەھمۇد دىيب
تارىخ مۇسۇلماننىڭ نەزەر-دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، مەشھۇر شەخسلەر، مىللەتلەر ۋە ئۇلار بېشدىن كەچۈرگەن بوران-چاپقۇنلۇق كۈنلەردىن خەۋەردار قىلىدۇ. نەتىجىدە ئىنسان پەم – پاراسىتى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىنىڭ ھېچكىمگە يانباسماستىن ۋە ئۇۋال قىلماستىن ھەر قايسى جەمئىيەتلەردە قانداق رول ئۆتەيدىغانلىقىنى، مىللەتلەرنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىپ، قانداق چېكىنىدىغانلىقىنى، دۆلەتلەرنىڭ قانداق قۇرۇلۇپ، قانداق ۋەيران بولىدىغانلىقىنى، دەۋالارنىڭ قانداق غەلىبە قازىنىپ، قانداق مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى، ھازارەتلەرنىڭ قانداق ياشناپ، قانداق مۇنقەرز بولىدىغانلىقىنى، داھىيلارنىڭ قانداق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، قانداق مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ قانداق ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ، قانداق ئويغىنىدىغانلىقىنى ئىدراك قىلالايدۇ.
تارىخ كۆپ ھاللاردا كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىقنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەمدە بولىدۇ، سەۋەب ۋە شارائىتلار ئوخشاش بولغاندا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۇ خۇددى ئەرەبلەرنىڭ: "تۈنۈگۈن ئۆلۈشكۈنگە نېمانچە ئوخشىغان" دېگەن سۆزى ۋە غەربلىكلەرنىڭ: "تارىخ تەكرارلىنىدۇ" دېگەن سۆزىگە ئوخشايدۇ.
-دوكتور يۇسۇف قەرداۋى
تارىخ نوقۇل قىسسەلەرلا سۆزلىنىدىغان، ۋەقە ۋە ھادىسىلەر خاتىرىلەپلا قويۇلىدىغان پەن ئەمەس. تارىخ ئۆگىنىشتىكى مەقسەت ئىبرەت ئېلىش ۋە ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتۇر: «ئويلاپ بېقىشلىرى ئۈچۈن، بۇ قىسسىنى (قەۋمىڭگە) سۆزلەپ بەرگىن». يەر شارىدىكى ھەر قانداق مىللەت تارىخ دەرسىنى ئۆزىنى تەربىيەلەش دەرسلىرىنىڭ بىرى دەپ قاراپ، ئۆز ھاياتىدا تەربىيەۋى رولىنى جارىي قىلدۇرالايدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ... بۇنداق دېيىشىمىزدىكى مەقسەت، مەلۇم ھادىسىلەرنى پارلىتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ كەمچىلىك ۋە يوچۇقلىرىغا كۆز يۇمۇش، ئۇلۇغلار ۋە قەھرىمانلارنىلا گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق ئىسلام تارىخىنى بۇرمىلاش ئەمەس، تارىخ تەتقىقاتىدىن مەقسەت بۇ تېخىمۇ ئەمەس. بۇنىڭدىكى مەقسەت − تارىخ تەتقىقاتىدىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىپ، ئۈممەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە چېكىنىشىنىڭ، يۈكسىلىشى ۋە يىمىرىلىشىنىڭ ئۆزگەرمەس رەببانىي قانۇنىيەتلەرگە بويسۇنىدىغانلىقى، بۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ مەلۇم خەلق ياكى شەخسكە يان بېسىپ، نىشانىدىن ئاداشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتۇر.
-مۇھەممەد قۇتۇب
 
Writerئىسلام تەتقىقات گۇرۇپپىسى
Number of pages1007
Translated byھۈسەيىن ئابدۇلكەرىم، ئەختەمجان ھەسەن
Size- 16 Cutting
Species2
Publication Year2025
PublisherEwlat Publications.
Loading...