5.000 lira üzeri kitap alıcılarına Türkiye içi ücretsiz kargo كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ 5.000 lira üzeri kitap alıcılarına Türkiye içi ücretsiz kargo كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ 5.000 lira üzeri kitap alıcılarına Türkiye içi ücretsiz kargo كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ 5.000 lira üzeri kitap alıcılarına Türkiye içi ücretsiz kargo كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ
Teslimat Bölge Seçin

پەتىۋالار مەجمۇئەسى 3-توم

پەتىۋالار مەجمۇئەسى 3-توم

WHATSAPP İLE SİPARİŞ VER
Hızlı Gönderi
Güvenli Alışveriş
مۇئەللىفتىن

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن

جىمى ھەمدۇسانالار بارلىق نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان، قۇرئاننى نازىل قىلغان، بىزنى ھىدايەتكە باشلىغان يېگانە زات — ئاللاھقا بولسۇن. بىزگە بۇ ئۇلۇغ دىننى ئېلىپ كەلگەن، ئۇنى تولۇق يەتكۈزگەن، ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن، ئاللاھ يولىدا ھەقىقىي جىھاد قىلغان ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇ زاتنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابە - كىراملىرىغا شۇنداقلا بۇ شەرەپلىك پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەن بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا، ئاتا - ئانىلىرىمىزغا، بىزگە ئىسلامنى ئۆگەتكەن، توغرا رەۋىشتە يەتكۈزگەن ئالىملىرىمىزغا ۋە ئۇستازلىرىمىزغا، مۇجاھىد ۋە شېھىدلىرىمىزگە ئاللاھنىڭ سالىمى، مەغپىرىتى، رىزۋانى بولسۇن، ئامىن!
ئاللاھنىڭ تەۋپىقى بىلەن «پەتىۋالار مەجمۇئەسى»نىڭ 1 - تومى ھ. 1436 / م. 2015 - يىلى قاھىرەدە، 2 - تومى ھ. 1439 / م. 2018 - يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» ۋە «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»گە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇرمەنلەردىن تاپشۇرۇپ ئالغان سوئاللارغا قارىتا بەرگەن پەتۋالارنىڭ بىر قىسمىنى جەملەپ «پەتىۋالار مەجمۇئەسى» 3 - توم قىلىپ نەشرگە تەييارلىدىم.
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»نىڭ بۇ تومىمۇ 1 - ۋە 2 - تومىدەك، ئەقىدە، ئىبادەت، سودا - مۇئامىلە ۋە ئەخلاق قاتارلىق ساھەلەردە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئېھتىياجلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىلگىرىكى ئىككى تومدىكى پەتۋالار ۋەتەن ئىچىدىن كەلگەن سوئاللارغا جاۋابەن بېرىلگەن بولسا، بۇ تومدىكى پەتۋالار خىتتاي زۇلمى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تۈپەيلى ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇچۇر - ئالاقە ئەركىنلىكىنىڭ باستۇرۇلۇشى سەۋەبلىك پەقەتلا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭلا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەردىكى سوئاللىرىغا بېرىلگەن جاۋابلار بولدى.
بۇ تومدىكى پەتۋالاردىمۇ ئالدىنقى تومدىكىدەك، ئىسلام كۆرسەتمىلىرىنى ئەمەلىي ئەھۋال بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغان ئاساستا قۇربىمنىڭ يېتىشىچە شەرىئەت روھىغا ئەڭ يېقىن بولغان جاۋابنى بېرىشكە تىرىشتىم. قاراشلارنى نەقىل قىلىشتا ۋە ھەدىسلەرگە باھا بېرىشتە نوپۇزلۇق ئالىم - ئۆلىمالار، مۆتىۋەر مۇھەددىسلەرنىڭ كىتابلىرىغا مۇراجىئەت قىلدىم. ئومۇمەن، ئىلمىي ئۆلچەمگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى قولدىن بەرمىدىم. ئوتتۇراھال بولۇش، پەتۋانى ئەتراپلىق ئىزاھلاش، مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى قوغداش، كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىش، مەسىلىنىڭ قىسمەن تەرىپىگە ئېسىلىۋالماي، شەرىئەت كۆزلىگەن ئومۇم نىشانلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىقلارنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇش ئاساسىدا يول تۇتتۇم.
يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەردە چوڭقۇرلاپ ئىزدەنگەن ئالىملارنىڭ تەتقىقاتلىرىدىن، ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەلىرىدەك بىرقەدەر كۆڭۈل خاتىرجەم بولىدىغان كوللېكتىپ ۋە نوپۇزلۇق پەتۋا ئورگانلىرىنىڭ قارار - پەتۋالىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ جاۋاب بەردىم.
ئەلۋەتتە پەتۋا شەرئىي ئىلىم ئەھلى بىلەن كەڭ ئاممىنى، ئايەت - ھەدىس ۋە شەرىئەت كۆرسەتمىلىرى بىلەن رېئال تۇرمۇشنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر ھەلقە بولۇپ، پەتۋا ئارقىلىق شەرىئەتنىڭ قىممەت قاراشلىرى كىتاب ۋە ئىلىم ئەھلىدىن ئاممىغا، بىر ئەۋلادتىن يەنە بىر ئەۋلادقا يۆتكىلىدۇ. بۇ جەھەتتىن پەتۋانىمۇ، پەتۋا بەرگۈچىنىمۇ شەرىئەت بىلەن تۇرمۇش رېئاللىقى ئوتتۇرىسىدىكى بىر ھەلقە دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىسلام تۈزۈمىدىن يېتىم قالدۇرۇلغان دۆلەت ۋە تەشكىلات چاڭگىلىدىكى تۈرلۈك ئورۇن ۋە شەخسلەردىن چىقىدىغان پەتۋالارنى توغرا ئانالىز قىلىشتا ۋە سېلىشتۇرۇشتا ھەربىر پەتۋانىڭ تارىخىي سىياقى، بېرىلگەن شارائىتى ۋە مەلۇم مەنپەئەت ۋە ئىدىيەگە خىزمەت قىلدۇرۇشتەك ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سەلبىي ئامىللارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. بۇ جەھەتتىن مەلۇم دۆلەت، تەشكىلات ۋە يۆنىلىش بېسىمىغا ئۇچرىماستىن ئەركىن ۋە مۇستەقىل ھالدا لىللا تۇرۇپ بېرىلگەن بۇ تۈرلۈك پەتۋانىڭ قىممىتى يۇقىرى بولۇشى ئېنىق. ئاللاھ ئىگەم پەقەت ئۆزىنىڭلا رازىلىقىنى كۆزلەشنى نېسىپ قىلغاي!
تارىخ مابەينىدە ھىندىستان، ئوسمانلى ۋە مىسىر كەبى ئەل - مەملىكەتلەرنىڭ مۇفتىي، شەيخۇلئىسلاملىرى ۋە مۇستەقىل ئالىم - مۇجتەھىدلەرنىڭ پەتۋالىرى پۈتۈكلەردە ۋە كىتابلاردا يېزىپ قالدۇرۇلغان بولۇپ، تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇلاردىن پايدىلىنىش مۇمكىن بولغان بولسىمۇ، دىيارىمىزدىكى شەيخۇلئىسلام، مۇفتىي، ئەئلەم ئاخۇنۇملارنىڭ پەتۋالىرى قولىمىزغا ئانچە يېتىپ كەلمىگەن. شۇڭلاشقا، نەشر قىلىنغان بۇ پەتۋالاردىكى سوئال - جاۋابلارنىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ھەقىقىي رېئاللىقنى، جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالىنى، ئىسلام ئالىملىرىنىڭ قاراش ۋە چۈشىنىشلىرىنى، ئاۋامنىڭ تىلى ۋە ئىجتىمائىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنىمۇ يېقىندىن كۆزىتىشتە قىممەتلىك ماتېرىيال دېيىشكە بولىدۇ. نەتىجىدە پەتۋانىڭ رولىنى شەرىئەتنىڭ مەلۇم مەسىلىدىكى ھۆكمىگە ئىخچاملىۋېلىشقا بولمايدۇ. بۇ جەھەتتىن نەشر قىلىنغان بۇ پەتۋالار دىنىي ساھەدىكىلەردىن سىرت ھەر ساھە تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ماتېرىيال بولۇپ قالغۇسى.
بۇ يەردە مەندىن سەمىمىي تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئايىمىغان، پەتۋالارنى كۆرۈپ چىقىش، ئىملاسىنى تۈزىتىش ۋە تەھرىرلەشتە كېچە - كۈندۈز ئىشلىگەن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»دىكى ھەربىر قېرىندىشىمغا، مېنى دۇئالىرىدا ياد ئېتىپ تۇرغان ئۇستاز ۋە ئوقۇرمەن قېرىنداشلارغا، شۇنداقلا «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»نى قوللاپ كېلىۋاتقانلارغا خالىسانە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، تۇرمۇش ۋە ھاياتىدىكى جىمى مەسىلىلەردە ئىسلام شەرىئىتى كۆرسەتمىسى بويىچە ياشاشقا تىرىشىپ، شەرئىي ھۆكۈمنى سوراپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ ھەقتە بەدەللەرنى تۆلەۋاتقان، قىيىنچىلىقلارغا ۋايسىمىغان ھەربىر مۇسۇلمان قېرىندىشىمغا ئالىي ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. ھەقتائالا ھەممىمىزنى دىندا سەباتلىق بىلەن تۇرۇشقا نېسىپ ۋە مۇيەسسەر قىلغاي!
2 - تومنىڭ مۇقەددىمىسىدە دېگىنىمدەك، پەتۋالاردىكى بەزى ئىجتىھادىي تەھلىل ۋە تەرجىھلەر، خۇلاسە - يەكۈنلەر ئىجتىھادىي بولۇش نۇقتىسىدىن ھەممىنىڭ ئىلمىي قانائىتىگە ماس كېلىپ كېتىشى ناتايىن. شۇنداقتىمۇ، ئۇستازلار ۋە ئەھلى ئىلىملەرنىڭ بۇ ھەقتە قىممەتلىك مۇلاھىزىلىرىنى ئورتاقلىشىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا ھەربىر ئوقۇرمەننىڭ كىتابتا بايقىغان خاتالىق، سەھۋەنلىك ياكى دىققەتسىزلىكلەرگە تۈزىتىش بېرىشىنى ۋە پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. ئاللاھ ئىگەم خاتالىقلىرىمنى ئەپۇ قىلغاي! 

ھۆرمەت بىلەن:
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1447. 3 - سەفەر / م. 2025. 28 - تومۇز
Yazarدوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
Sayfa adedi800
KapakSert
Yayın Tarihi2026
YayıneviSajia İslami Araştırmalar Merkezi
Bu kitapları da inceleyin
Yükleniyor...