3.000 lira üzeri kitap alıcılarına Türkiye içi ücretsiz kargo
كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ
3.000 lira üzeri kitap alıcılarına Türkiye içi ücretsiz kargo
كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ
3.000 lira üzeri kitap alıcılarına Türkiye içi ücretsiz kargo
كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ
3.000 lira üzeri kitap alıcılarına Türkiye içi ücretsiz kargo
كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ
+90 553 070 73 50
[email protected]
Türkçe
ئۇيغۇرچه
Türkçe
English
Yardım
İletişim
Teslimat
Bölge Seçin
Giriş Yap
Üye Ol
0
Sepetim
سېۋىتىڭىزدە
0
پارچە كىتاب بار
Tüm Kategoriler
TARİH VE ANILAR
UYGUR TARİHİ
ÜNLÜ
ARKEOLOJİ - KEŞİF GEZİSİ
NOTLAR VE YILLIKLAR
TARİHSEL KAYITLAR
EDEBİYAT
EDEBİ ÇALIŞMALAR
KURGU - KURGU - DÜZYAZI
KLASİK EDEBİYAT
ANTİK EDEBİYAT ÇALIŞMASI
ROMAN
HALK DİLİ EDEBİYATI
ŞİİR
YABANCI EDEBİYAT
EDEBİ YORUM
TARİHİ ROMAN
KAPSAMLI LİTERATÜR
KAPSAMLI LİTERATÜR
DİĞER
KAĞIT
TIP VE SAĞLIK
TIP VE SAĞLIK
DERS KİTAP -LARI
DERS KİTAP -LARI
FELSEFE, PSİKOLOJİ VE MANTIK.
FELSEFE, PSİKOLOJİ VE MANTIK.
GÖRGÜ KURALLARI VE EBEVEYNLİK
GÖRGÜ KURALLARI VE EBEVEYNLİK
GENÇLER
GENÇLER
DERGİ
DERGİ
DİNİ EDEBİYAT
İSLAM FELSEFESİ
İNANÇ VE İNANÇ
HADİS ŞERİF
DİNİ YAZILAR
DİNİ ÇOCUK EDEBİYATI
KUR'AN VE TEFSİR
ÇEŞİTLİ DİNİ KONULAR.
İSLAM HUKUKU (HUKUK)
KEMER
İSLAM TARİHİ
FETVALAR
Yeni Eklenen Ürünler
Çok Satan Ürünler
نەشرىياتلار
Sipariş Takip
Yardım Merkezi
بۇ يەرنى بېسىپلا نەق مەيدان ئالاقىلىشىڭ
0
TÜM KATEGORİLER
Tarih ve Anılar
Tüm Tarih ve Anılar
Uygur tarihi
Notlar ve Yıllıklar
Ünlü
Tarihsel Kayıtlar
Arkeoloji - Keşif Gezisi
edebiyat
Tüm edebiyat
Edebi çalışmalar
Halk Dili Edebiyatı
Kurgu - Kurgu - Düzyazı
Şiir
Klasik edebiyat
Yabancı Edebiyat
Antik Edebiyat Çalışması
Edebi Yorum
Roman
Tarihi roman
Kapsamlı Literatür
Tüm Kapsamlı Literatür
Kapsamlı Literatür
Kağıt
Diğer
Tıp ve Sağlık
Tüm Tıp ve Sağlık
Tıp ve Sağlık
Ders kitap -ları
Tüm Ders kitap -ları
Ders kitap -ları
Felsefe, Psikoloji ve Mantık.
Tüm Felsefe, Psikoloji ve Mantık.
Felsefe, Psikoloji ve Mantık.
Görgü Kuralları ve Ebeveynlik
Tüm Görgü Kuralları ve Ebeveynlik
Görgü Kuralları ve Ebeveynlik
Gençler
Tüm Gençler
Gençler
Dergi
Tüm Dergi
Dergi
Dini Edebiyat
Tüm Dini Edebiyat
İslam Felsefesi
Çeşitli dini konular.
İnanç ve İnanç
İslam Hukuku (Hukuk)
Hadis Şerif
kemer
Dini Yazılar
İslam Tarihi
Dini Çocuk Edebiyatı
Fetvalar
Kur'an ve Tefsir
Sözlük ve dilbilim
Tüm Sözlük ve dilbilim
Sözlük
Uygur dili
Çağatay dili
Arapça
Türkçe
İngilizce
Farsça
Çince dili
Dilbilim Çalışmaları
Kültür & Sanat
Tüm Kültür & Sanat
Mimarlık
Hat
Şarkı ve müzik
Yemek
Uygur kültürü
Antik Edebiyat
Tüm Antik Edebiyat
Antik Edebiyat
Hukuk ve Politika
Tüm Hukuk ve Politika
Hukuk ve Politika
YARDIM MERKEZİ
Giriş Yap
Üye Ol
Sipariş Takip
S.S.S
Hesabım
Giriş Yap
Üye Ol
پارولنى ئۇنتۇپ قالدىم
Müşteri Hizmetleri
Diğer
Ana Sayfa
دەردلەر داۋاسى
دەردلەر داۋاسى
Ürün Kodu:
A05247
Kategori:
Yazar:
İmam İbn Kayyim el-Cevziyye
Sayfa adedi:
500
Çeviren:
Abdulmijit Muhammed Amin
Dili:
Uygurca
Renk:
Renksiz
Ebadı:
- 32 Kesim
Tür:
1
Kapak:
Sert
Yayın Tarihi:
2025
Yayınevi:
Ewlat Neşriyat
₺535.
00
Sepete Ekle
Hemen Al
WHATSAPP İLE SİPARİŞ VER
Hızlı Gönderi
Güvenli Alışveriş
Favorilerime Ekle
Favorilerimden Çıkar
Tavsiye Et
Yorum Yaz
Karşılaştır
Fiyat Alarmı
Gelince Haber Ver
Telefonla Sipariş
Ürün Önerileri
Kitap Hakkında
Türkiye dışından kitap almak isteyenler dikkatine
Vadeli ödeme yöntemi
Yorumlar
ھاياتتىن مەنە ئىزدەش، بەختكە ئىنتىلىش ئىنسان زاتىغا ئورتاق بىر ئىشتىياقتۇر. تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، ئوخشاش تەكرارلىنىۋاتقان زېرىكىشلىك ھايات رىتىمى، ھايات قايناملىرىدا گاھ لەيلەپ، گاھ چۆكۈپ نىمجان ھاياتىنى داۋام ئېتىۋاتقان ئادەملەر توپى، ئارىمىزدىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان مېھىر-مۇھەببەت، گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردىكى چىنلىقنىڭ كېمىيىشى، ۋاپا-ساداقەتنىڭ چۆكۈشى... مانا بۇلار مېنى ئىزچىل تېگى يوق ئويلارغا باشلايدۇ.
بىز كىم ئىدۇق، كىم بولدۇق، ئەمدى كىم بولۇپ ياشايمىز؟! بۇ ھەقتىكى تۈگىمەس سوئاللار ۋە ئەتراپىمدا بولۇۋاتقان زىددىيەتلىك ھادىسىلەر مېنى گويا چۆرگىلىتىپ قويۇۋېتىلگەندەك گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. ئەنە شۇنداق ئازابلىق ھەم ئىزتىراپلىق لەھزىلەردە ئىچ-ئىچىمدىن پارتلاپ «ھەي ھايات سېنىڭ ياشىغۇدەك نەرىڭ بار؟!» دەپ ۋارقىرىغۇم كېلىدۇ. لېكىن ۋارقىرىغۇدەك دەرمان نەدە؟! پەقەتلا ئىچ-ئىچىمدىن سىرغىۋاتقان مىسكىنلىك ۋە غېرىبلىقنىڭ ئاجىز تىۋىشلىرىنى ئاڭلىغاندەك بولىمەن، ئۆزۈمگە قۇلاق سالىمەن، يۈرىكىمنى تىڭشايمەن، ئىچىمگە چۆكىمەن... گويا تۇغۇلۇشۇم مېنىڭ ئىختىيارىمدا بولمىغاندەك، ھاياتىم قاچان، قەيەردە، قانداق ئاخىرلىشىدۇ؟ بۇ مېنىڭ ئىلكىمدىكى ئىش ئەمەس. ئەمما روشەن ھەقىقەت شۇكى، «ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر».
[1]
دائىم ئۆز-ئۆزۈمگە «قەيەردە ياشاي، ھاياتىمنى قەيەردە ئاخىرلاشتۇراي، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشەلىگۈدەك ھالدا ياشىسامكەن» دەپ پىچىرلاپ ھەمدە ئارزۇ قىلىپ كەلدىم. ئەلۋەتتە، ھەربىرىمىز ئارزۇلىرىمىز ئۈچۈن ياشايمىز، ئارمانلىرىمىزنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن دەرمان ئىزدەيمىز. بىزنىڭ دەل مۇشۇنداق ئارمان بىلەن دەرمان ئارىسىدىكى تېپىرلاشلىرىمىز ھاياتىمىزغا قىممەت ۋە مەنە ئاتا قىلىدۇ. غايىمىزدىكى ئۆرنەكلىك ھاياتتا ياشاش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئادەمىي كامالەتكە يېقىنلاشماق زۆرۈر. ئۇنداقتا، ئادەمىي كامالەت قەيەردىن باشلىنىدۇ؟!
شەكسىزكى ئۇ، ھىدايەت ئۈستىگە قۇرۇلغان روھىي پاكلىقتىن باشلىنىدۇ. «روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ»
[2]
روھنى پاكلاش نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟!
روھنى پاكلاش دىنىمىزدىكى غوللۇق تېمىلارنىڭ بىرى. چۈنكى ئادەمنى باشقا مەخلۇقلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرغىنى، ئۇنى يۈكسەكلىك ۋە ئالىي ماقامغا ئىگە قىلغىنى ئۇنىڭدىكى روھتۇر. بىز ئادەمنى گويا بىر ماشىنا دەپ پەرەز قىلساق، روھ ئۇنىڭ ماتورىدۇر. ماتورىدىن چاتاق چىققان قۇرۇق گەۋدىنىڭ بىر دۆۋە ئەخلەتتىن ھېچ پەرقى يوق.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن قېرىندىشىم، قولىڭىزدىكى «دەرتلەر داۋاسى» ناملىق بۇ ئەسەر بۇنىڭدىن يەتتە ئەسىر بۇرۇن مەشھۇر ئىسلام ئالىمى، فەقىھ، مۇھەددىس، مۇجتەھىد ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزىيە تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئەسەرنىڭ يېزىلىشىغا ئىخلاسمەن، تەۋبىكار بىرەيلەننىڭ سورىغان بىر سوئالى تۈرتكە بولغانىكەن. مەزكۇر كىتابنىڭ تۇنجى قۇرلىرى دەل شۇ سوئال بىلەن باشلىنىپ، باشقا مەزمۇنلار شۇ سوئالنىڭ جاۋابى سۈپىتىدە داۋاملىشىدۇ. مەن مەزكۇر ئەسەر بىلەن تۇنجى ئۇچراشقان چېغىمدا گويا ھېلىقى سوئال سورىغۇچى بىزنىڭ ئارىمىزدا ياشاۋاتقان بېرىدەك، كۆپچىلىك كىمدىن، قانداق سوراشنى بىلەلمەيۋاتقان بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغاندەك ھېسسىياتقا كەلگەنىدىم. ئەسەرنى باشتىن-ئاخىر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى تىلداش، دىلداش قېرىنداشلىرىمغا سۇنسامكەن، شۇلارمۇ بەھرىلەنسە... دەپ ئويلىدىم ۋە دەرھاللا تەرجىمىسىگە تۇتۇش قىلدىم. تەرجىمىنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە ئىشەنچىلىك بولۇشى ئۈچۈن تىتول بەتتە ئىسمى يېزىلغان ئىككى قېرىندىشىمىزنى ھەمدەم بولۇشقا تەكلىپ قىلدىم. ئۇلارمۇ خۇشاللىق بىلەن بۇ خىزمەت ئۈچۈن باش قوشۇشتى ۋە ئاساسەن كىتاب پۈتكەنگە قەدەر يېنىمدا بولدى. نەتىجىدە بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمىسى ئۆزىمىز پىلانلىغان ۋاقىت ۋە سۈپەتتە تاماملاندى.
كۆپىنچە ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ئايان بولغاندەك، مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئىسلام تارىخىدىكى تەسىر كۈچى زور ساناقلىق شەخىسلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىسلام دۇنياسىغا ناھايىتى كەڭ تارقالغان ۋە نۇرغۇن ئالىملار ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە شەرھ، مۇلاھىزە، ئىلاۋىلەرنى يېزىشقان. مەزكۇر ئەسەرمۇ بىر قانچە قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈلگەن ۋە قايتا-قايتا بېسىلغان. شۇنداق بولغاچقا، بۇ ئەسەرنىڭ نۇسخىلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولغان. گەرچە نۇسخىلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيەسى ۋە ئاساسلىق مەزمۇنلىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا كىتابنىڭ رەتلىنىشى، ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپلىرىدە قىسمەن ئۆزگىرىشلەر بولغان. بىر قىسىم كۆزدىن كەچۈرگۈچىلەر تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن بەزى مەزمۇنلارنى چىقىرىۋەتكەن ياكى ئىزاھاتلارنى بېرىپ ئۆتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ تەرجىمىنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قولىمىزدا بار باشقا نۇسخىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقتۇق ۋە ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يېتىشىچە ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرىشتۇق.
مېنىڭچە، بۇ ئەسەر ھازىرغىچە يېزىلغان ياكى تەرجىمە قىلىنغان مۇشۇ تۈردىكى ئەسەرلەردىن مۇنداق بىر قانچە نۇقتىدا ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ:
ئەسەردە ئادەملەرنىڭ روھىي دۇنياسى ناھايىتى ئىنچىكە ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، ئۇلاردىكى پەزىلەت ياكى رەزىللىكنىڭ ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلگەن، شۇنداقلا ئەقلىي يوسۇندا چۈشەندۈرۈلگەن.
ئىنساندىكى روھتىن ئىبارەت بۇ جەۋھەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇنى قانداق قوغداش، شۇنداقلا قانداق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ يوللىرى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن.
گۇناھ-مەئسىيەتكە چۈشۈپ قالغانلارغا كەچۈرۈلمەس جىنايەتچىلەر سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنماستىن، بەلكى دوستانە ھالدا ئۇلارنىڭ قولىدىن تۇتۇپ توغرىغا يېتەكلەشنى ۋە يول كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلغان.
ئەسەردە باشتىن-ئاخىر ئىلاھىي سۆيگۈ ۋە ئىنسانىي مېھىر-مۇھەببەت كۈيلەنگەن.
كۆپلىگەن ھېكايەت ۋە قىىسسەسەلەرنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئەسەرنىڭ تەسىرچانلىقى ۋە جەلپكارلىقى ئاشۇرۇلغان.
تېمىلارغا مۇناسىپ ھالدا خىلمۇ-خىل مەزمۇندىكى شېئىرلار قىستۇرۇلۇش ئارقىلىق تىل ۋە تەسۋىر سەنئىتىنى پالاق قىلىپ ئادەملەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا شۇڭغۇپ، قەلب قېتىدىكى مېھىر-مۇھەببەت ۋە پەزىلەت بىخلىرىنى تەۋرىتىپ، بۇرۇختۇملۇق ئىچىدە تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.
ئىنساننى ئىنسانلىق ماقامىدا چۈشىنىش تەشەببۇس قىلىنىپ، ئۇنى گاھ پەرىشتىلەرچە مەسۇملۇقتا كۆككە كۆتۈرۈپ، گاھ شەيتانلارچە ئازغۇنلۇق بىلەن تامغىلاشتەك ئوڭچىللىق ۋە سولچىللىق خاھىشلىرىدىن يىراق تۇرغان.
تەرجىمىدە مۇمكىنقەدەر ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل ئىشلىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى ۋە شېئىرلار مەزمۇن جەھەتتىن ئەسلىي مۇددىئادىن چەتنىمىگەن ھالدا ئۇيغۇرچە شېئىر شەكىلدە تەرجىمە قىلىندى.
يۇقىرىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ئوقۇرمەنلەرنى تەبىئىي ھالدا گويا شىلدىرلاپ سۇلار ئېقىپ تۇرغان ياپيېشىل باغچىدا، سىرداش بىر دوستى بىلەن ئۆز ئارا ھەقنى تەۋسىيە قىلىشىپ، گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن قانداق ساقلىنىش ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشقاچ سەيلە قىلىۋاتقاندەك، ئارامدىل، يەڭگىل ۋە ئازادە تۇيغۇلارغا باشلايدۇ.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن قېرىندىشىم! مەن قولۇمدىكى بار ئىمكانىيەتلەر بىلەن ھايات تەشۋىشلىرى ئاستىدىكى تەشنا قەلبىڭىزگە بىر پىيالە چاي، قارا بۇلۇتلار ئاستىدىكى ئەگرى-توقاي يوللىرىڭىزغا بىر دانە شام ھازىرلىدىم. ئۈمىدىم، بۇ ياققان شامىم يولىڭىزغا كىچىككىنە نۇر بېرەلىسە، ھاياتىڭىزغا زەررىچە يېڭىلىق قوشالىسا، ھەممىدىن سوۋۇپ كېتىۋاتقان قەلبىڭىزگە ئاز بولسىمۇ ئۈمىد ۋە تەسەللىي بىغىشلىيالىسا...!
ئاخىرىدا، بۇ قېتىملىق نەشرىدىن بۇرۇن كىتابتىكى ھەدىس ۋە ئەسەرلەرنىڭ مەنبەلىرىنى تېپىش ۋە ئىزاھات يېزىشقا ھەمدەمدە بولغان، مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئىسلام ئۇنىۋېرىستېتىنى پۈتتۈرگەن، ئېنىمىز مۇھەممەد ئابدۇلھەمىدكە ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن، ئىلھام بەرگەن، ئەسەرنىڭ پۈتۈپ چىقىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن، سۈيلەپ تۇرغان بارلىق ئۇستازلار، سەپداشلار ۋە قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە مۆھتەرەم ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ پىكىر-تەكلىپ ۋە ئىلمىي تەنقىد بېرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
-
ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئىمىن
2023/03/01
[1]
سۈرە ئال ئىمران 185-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[2]
سۈرە شەمس 9-ئايەت.
Yazar
İmam İbn Kayyim el-Cevziyye
Sayfa adedi
500
Çeviren
Abdulmijit Muhammed Amin
Dili
Uygurca
Renk
Renksiz
Ebadı
- 32 Kesim
Tür
1
Kapak
Sert
Yayın Tarihi
2025
Yayınevi
Ewlat Neşriyat
Bu kitapları da inceleyin
ساھابىلەر ھاياتىدىن تاللانما
₺360.
00
پارچە
SEPETE EKLE
بالىلارنىڭ ئەقىدە توغرىسىدىكى سوئاللىرى ۋە جاۋابلىرى
₺180.
00
پارچە
SEPETE EKLE
قەلبىڭىزنى تىرىلدۈرۈڭ
₺250.
00
پارچە
SEPETE EKLE
ئەخمەت ئەپەندى
₺990.
00
پارچە
SEPETE EKLE
سابىت داموللام ئەسەرلىرى _(1)
₺420.
00
پارچە
SEPETE EKLE
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى
₺754.
00
پارچە
SEPETE EKLE
پەلسەپەنىڭ قىسقىچە تارىخى
₺380.
00
پارچە
SEPETE EKLE
ئۇچقۇن بالىلار گېزىتى
₺290.
00
پارچە
SEPETE EKLE
تەپسىر جەۋھەرلىرى
₺2,150.
00
پارچە
SEPETE EKLE
گۈزەل تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەرپاچىسى ئۆزىڭىز
₺240.
00
پارچە
SEPETE EKLE
ئۆزىڭىزنىڭ پىسخىكا دوختۇرى بولۇڭ
₺300.
00
پارچە
SEPETE EKLE
ئۆزىڭىزنى سۆيۈپ ئۆزىڭىزگە ھەقىقى يۈزلىنىڭ
₺280.
00
پارچە
SEPETE EKLE
ئۆزىڭىزنى سۆيسىڭىز دۇنيامۇ سىزنى سۆيىدۇ
₺250.
00
پارچە
SEPETE EKLE
رېئاللىققا يۈزلىنىڭ
₺220.
00
پارچە
SEPETE EKLE
ياشاشنىڭ ئۆزى بەخت
₺210.
00
پارچە
SEPETE EKLE
ياشاش سەنئىتى
₺180.
00
پارچە
SEPETE EKLE
ھەربىر بالا تالانت ئىگىسى
₺450.
00
پارچە
SEPETE EKLE
ئانىنىڭ كەيپىياتى بالىغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدۇ
₺260.
00
پارچە
SEPETE EKLE
بوۋاق بېقىشتا كۈندە بىر ساۋات
₺480.
00
پارچە
SEPETE EKLE
بالىڭىزنىڭ تالانتىنى بايقاڭ
₺250.
00
پارچە
SEPETE EKLE
Anasayfa
Ürünler
Sepetim
0
Favorilerim
Hesabım
Sana nasıl yardımcı olabiliriz?
Son Gezilenler
Son Gezilen Ürünler
Yükleniyor...
Bu site
Qukasoft
profesyonel
e-ticaret
sistemleri ile hazırlanmıştır.