5000 لىرادىن يۇقىرى كىتاب سېتىۋالغۇچىلارغا تۈركىيە ئىچىگە ھەقسىز ئەۋەتىپ ېېرىلىدۇ
كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ
5000 لىرادىن يۇقىرى كىتاب سېتىۋالغۇچىلارغا تۈركىيە ئىچىگە ھەقسىز ئەۋەتىپ ېېرىلىدۇ
كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ
5000 لىرادىن يۇقىرى كىتاب سېتىۋالغۇچىلارغا تۈركىيە ئىچىگە ھەقسىز ئەۋەتىپ ېېرىلىدۇ
كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ
5000 لىرادىن يۇقىرى كىتاب سېتىۋالغۇچىلارغا تۈركىيە ئىچىگە ھەقسىز ئەۋەتىپ ېېرىلىدۇ
كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ
+90 5530707350
[email protected]
ئۇيغۇرچه
ئۇيغۇرچه
Türkçe
English
ياردەم مەركىزى
ئالاقە
يەتكۈزۈش
رايون تاللاش
كىرىش
ئەزا بولۇش
0
سېۋەتتىكىلەر
سېۋىتىڭىزدە
0
پارچە كىتاب بار
كىتاب تۈرلىرى
تارىخ ۋە تەزكىرە
ئۇيغۇر تارىخى
مەشھۇر شەخىسلەر
ئارخېئولوگىيە-ئېكسپېدىيە
تەزكىرىلەر ۋە يىلنامىلەر
تارىخىي خاتىرىلەر
ئەدەبىيات
ئەدەبىيات تەتقىقاتى
ھېكايە-پوۋىست-نەسىر
كلاسسىك ئەدەبىيات
قەدىمىي ئەسەر تەتقىقاتى
رومان
خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى
شېئىرىيەت
چەتئەل ئەدەبىياتى
ئەدەبىي ئوبزور-خاتىرە-ئاخبارات
تارىخىي رومان
ئۇنىۋېرسال ئەسەرلەر
ئۇنىۋېرسال ئەسەرلەر
باشقا
ئىلمىي ماقالىلەر
تېبابەت ۋە ساغلاملىق
تېبابەت ۋە ساغلاملىق
دەرسلىك كىتابلار
دەرسلىك كىتابلار
پەلسەپە، پىسخولوگىيە ۋە لوگىكا
پەلسەپە، پىسخولوگىيە ۋە لوگىكا
ئەدەپ ـ ئەخلاق، پەرزەنت تەربىيەسى
ئەدەپ ـ ئەخلاق، پەرزەنت تەربىيەسى
ياش-ئۆسمۈرلەر
ياش-ئۆسمۈرلەر
ژۇرناللار
ژۇرناللار
دىنىي ئەسەرلەر
ئىسلام پەلسەپەسى
ئەقىدە ۋە ئىمان
ھەدىس شەرىف
دىنىي يازمىلار
بالىلار دىنىي ئەسەرلىرى
قۇرئان ۋە تەپسىر
ھەرخىل دىنىي تېمىلار
ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى (فىقھى)
سىيرەت
ئىسلام تارىخى
پەتىۋالار
يېڭى قوشۇلغان كىتابلار
بازارلىق كىتابلار
نەشرىياتلار
زاكاز ئىز قوغلاش
ياردەم مەركىزى
بۇ يەرنى بېسىپلا نەق مەيدان ئالاقىلىشىڭ
0
كىتاب تۈرلىرى
تارىخ ۋە تەزكىرە
پۈتكۈل تارىخ ۋە تەزكىرە
ئۇيغۇر تارىخى
تەزكىرىلەر ۋە يىلنامىلەر
مەشھۇر شەخىسلەر
تارىخىي خاتىرىلەر
ئارخېئولوگىيە-ئېكسپېدىيە
ئەدەبىيات
پۈتكۈل ئەدەبىيات
ئەدەبىيات تەتقىقاتى
خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى
ھېكايە-پوۋىست-نەسىر
شېئىرىيەت
كلاسسىك ئەدەبىيات
چەتئەل ئەدەبىياتى
قەدىمىي ئەسەر تەتقىقاتى
ئەدەبىي ئوبزور-خاتىرە-ئاخبارات
رومان
تارىخىي رومان
ئۇنىۋېرسال ئەسەرلەر
پۈتكۈل ئۇنىۋېرسال ئەسەرلەر
ئۇنىۋېرسال ئەسەرلەر
ئىلمىي ماقالىلەر
باشقا
تېبابەت ۋە ساغلاملىق
پۈتكۈل تېبابەت ۋە ساغلاملىق
تېبابەت ۋە ساغلاملىق
دەرسلىك كىتابلار
پۈتكۈل دەرسلىك كىتابلار
دەرسلىك كىتابلار
پەلسەپە، پىسخولوگىيە ۋە لوگىكا
پۈتكۈل پەلسەپە، پىسخولوگىيە ۋە لوگىكا
پەلسەپە، پىسخولوگىيە ۋە لوگىكا
ئەدەپ ـ ئەخلاق، پەرزەنت تەربىيەسى
پۈتكۈل ئەدەپ ـ ئەخلاق، پەرزەنت تەربىيەسى
ئەدەپ ـ ئەخلاق، پەرزەنت تەربىيەسى
ياش-ئۆسمۈرلەر
پۈتكۈل ياش-ئۆسمۈرلەر
ياش-ئۆسمۈرلەر
ژۇرناللار
پۈتكۈل ژۇرناللار
ژۇرناللار
دىنىي ئەسەرلەر
پۈتكۈل دىنىي ئەسەرلەر
ئىسلام پەلسەپەسى
ھەرخىل دىنىي تېمىلار
ئەقىدە ۋە ئىمان
ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى (فىقھى)
ھەدىس شەرىف
سىيرەت
دىنىي يازمىلار
ئىسلام تارىخى
بالىلار دىنىي ئەسەرلىرى
پەتىۋالار
قۇرئان ۋە تەپسىر
لۇغەت ۋە تىلشۇناسلىق
پۈتكۈل لۇغەت ۋە تىلشۇناسلىق
لۇغەتلەر
ئۇيغۇر تىلى
چاغاتاي تىلى
ئەرەب تىلى
تۈرك تىلى
ئىنگلىز تىلى
پارس تىلى
خىتاي تىلى
تىل تەتقىقاتى
مەدەنىيەت-سەنئەت
پۈتكۈل مەدەنىيەت-سەنئەت
بىناكارلىق
ھۆسنىخەت
ناخشا-مۇزىكا
يېمەك - ئىچمەك
ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
قەدىمىي ئەسەرلەر
پۈتكۈل قەدىمىي ئەسەرلەر
قەدىمىي ئەسەرلەر
قانۇن-سىياسەت-مۇلاھىزە
پۈتكۈل قانۇن-سىياسەت-مۇلاھىزە
قانۇن-سىياسەت-مۇلاھىزە
ياردەم مەركىزى
كىرىش
ئەزا بولۇش
زاكاز ئىز قوغلاش
كۆپ سورالغان سۇئاللار
ھېساب
كىرىش
ئەزا بولۇش
sifremi_unuttum
خېرىدارلار مۇلازىمىتى
باشقا
باش بەت
دىنىي ئەسەرلەر
ھەرخىل دىنىي تېمىلار
پەتىۋالار مەجمۇئەسى 3-توم
پەتىۋالار مەجمۇئەسى 3-توم
كىتاب كودى:
A05429
كاتېگورىيە:
ھەرخىل دىنىي تېمىلار
ئاپتور:
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
بەت سانى:
800
مۇقاۋا:
قاتتىق
نەشر يىلى:
2026
نەشرىيات:
ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
₺780.
00
سېۋەتكە سېلىڭ
ھازىرلا پۇل تۆلەش
WhatsApp ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ
تېز توشۇش
بىخەتەر كىتاب سېتىۋېلىش
ياقتۇرغانلىرىمغا قوش
ياقتۇرغانلىرىمدىن چىقىرىۋېتىلدى
تەۋسىيە قىلىش
ئىنكاس يېزىش
سېلىشتۇرۇڭ
باھا ئاگاھلاندۇرۇشى
كەلگەندە ماڭا ئۇقتۇرۇپ قوي
تېلېفون ئارقىلىق زاكاز قىلىش
كىتاب تەۋسىيەلىرى
كىتاب ھەققىدە
تۈركىيە سىرتىدىكى كىتاب زاكاز قىلغۇچىلار سەمىگە
مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش جەدىۋىلى
ئىنكاسلار
مۇئەللىفتىن
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن
جىمى ھەمدۇسانالار بارلىق نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان، قۇرئاننى نازىل قىلغان، بىزنى ھىدايەتكە باشلىغان يېگانە زات — ئاللاھقا بولسۇن. بىزگە بۇ ئۇلۇغ دىننى ئېلىپ كەلگەن، ئۇنى تولۇق يەتكۈزگەن، ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن، ئاللاھ يولىدا ھەقىقىي جىھاد قىلغان ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇ زاتنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابە - كىراملىرىغا شۇنداقلا بۇ شەرەپلىك پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەن بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا، ئاتا - ئانىلىرىمىزغا، بىزگە ئىسلامنى ئۆگەتكەن، توغرا رەۋىشتە يەتكۈزگەن ئالىملىرىمىزغا ۋە ئۇستازلىرىمىزغا، مۇجاھىد ۋە شېھىدلىرىمىزگە ئاللاھنىڭ سالىمى، مەغپىرىتى، رىزۋانى بولسۇن، ئامىن!
ئاللاھنىڭ تەۋپىقى بىلەن «پەتىۋالار مەجمۇئەسى»نىڭ 1 - تومى ھ. 1436 / م. 2015 - يىلى قاھىرەدە، 2 - تومى ھ. 1439 / م. 2018 - يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» ۋە «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»گە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇرمەنلەردىن تاپشۇرۇپ ئالغان سوئاللارغا قارىتا بەرگەن پەتۋالارنىڭ بىر قىسمىنى جەملەپ «پەتىۋالار مەجمۇئەسى» 3 - توم قىلىپ نەشرگە تەييارلىدىم.
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»نىڭ بۇ تومىمۇ 1 - ۋە 2 - تومىدەك، ئەقىدە، ئىبادەت، سودا - مۇئامىلە ۋە ئەخلاق قاتارلىق ساھەلەردە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئېھتىياجلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىلگىرىكى ئىككى تومدىكى پەتۋالار ۋەتەن ئىچىدىن كەلگەن سوئاللارغا جاۋابەن بېرىلگەن بولسا، بۇ تومدىكى پەتۋالار خىتتاي زۇلمى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تۈپەيلى ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇچۇر - ئالاقە ئەركىنلىكىنىڭ باستۇرۇلۇشى سەۋەبلىك پەقەتلا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭلا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەردىكى سوئاللىرىغا بېرىلگەن جاۋابلار بولدى.
بۇ تومدىكى پەتۋالاردىمۇ ئالدىنقى تومدىكىدەك، ئىسلام كۆرسەتمىلىرىنى ئەمەلىي ئەھۋال بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغان ئاساستا قۇربىمنىڭ يېتىشىچە شەرىئەت روھىغا ئەڭ يېقىن بولغان جاۋابنى بېرىشكە تىرىشتىم. قاراشلارنى نەقىل قىلىشتا ۋە ھەدىسلەرگە باھا بېرىشتە نوپۇزلۇق ئالىم - ئۆلىمالار، مۆتىۋەر مۇھەددىسلەرنىڭ كىتابلىرىغا مۇراجىئەت قىلدىم. ئومۇمەن، ئىلمىي ئۆلچەمگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى قولدىن بەرمىدىم. ئوتتۇراھال بولۇش، پەتۋانى ئەتراپلىق ئىزاھلاش، مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى قوغداش، كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىش، مەسىلىنىڭ قىسمەن تەرىپىگە ئېسىلىۋالماي، شەرىئەت كۆزلىگەن ئومۇم نىشانلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىقلارنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇش ئاساسىدا يول تۇتتۇم.
يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەردە چوڭقۇرلاپ ئىزدەنگەن ئالىملارنىڭ تەتقىقاتلىرىدىن، ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەلىرىدەك بىرقەدەر كۆڭۈل خاتىرجەم بولىدىغان كوللېكتىپ ۋە نوپۇزلۇق پەتۋا ئورگانلىرىنىڭ قارار - پەتۋالىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ جاۋاب بەردىم.
ئەلۋەتتە پەتۋا شەرئىي ئىلىم ئەھلى بىلەن كەڭ ئاممىنى، ئايەت - ھەدىس ۋە شەرىئەت كۆرسەتمىلىرى بىلەن رېئال تۇرمۇشنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر ھەلقە بولۇپ، پەتۋا ئارقىلىق شەرىئەتنىڭ قىممەت قاراشلىرى كىتاب ۋە ئىلىم ئەھلىدىن ئاممىغا، بىر ئەۋلادتىن يەنە بىر ئەۋلادقا يۆتكىلىدۇ. بۇ جەھەتتىن پەتۋانىمۇ، پەتۋا بەرگۈچىنىمۇ شەرىئەت بىلەن تۇرمۇش رېئاللىقى ئوتتۇرىسىدىكى بىر ھەلقە دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىسلام تۈزۈمىدىن يېتىم قالدۇرۇلغان دۆلەت ۋە تەشكىلات چاڭگىلىدىكى تۈرلۈك ئورۇن ۋە شەخسلەردىن چىقىدىغان پەتۋالارنى توغرا ئانالىز قىلىشتا ۋە سېلىشتۇرۇشتا ھەربىر پەتۋانىڭ تارىخىي سىياقى، بېرىلگەن شارائىتى ۋە مەلۇم مەنپەئەت ۋە ئىدىيەگە خىزمەت قىلدۇرۇشتەك ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سەلبىي ئامىللارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. بۇ جەھەتتىن مەلۇم دۆلەت، تەشكىلات ۋە يۆنىلىش بېسىمىغا ئۇچرىماستىن ئەركىن ۋە مۇستەقىل ھالدا لىللا تۇرۇپ بېرىلگەن بۇ تۈرلۈك پەتۋانىڭ قىممىتى يۇقىرى بولۇشى ئېنىق. ئاللاھ ئىگەم پەقەت ئۆزىنىڭلا رازىلىقىنى كۆزلەشنى نېسىپ قىلغاي!
تارىخ مابەينىدە ھىندىستان، ئوسمانلى ۋە مىسىر كەبى ئەل - مەملىكەتلەرنىڭ مۇفتىي، شەيخۇلئىسلاملىرى ۋە مۇستەقىل ئالىم - مۇجتەھىدلەرنىڭ پەتۋالىرى پۈتۈكلەردە ۋە كىتابلاردا يېزىپ قالدۇرۇلغان بولۇپ، تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇلاردىن پايدىلىنىش مۇمكىن بولغان بولسىمۇ، دىيارىمىزدىكى شەيخۇلئىسلام، مۇفتىي، ئەئلەم ئاخۇنۇملارنىڭ پەتۋالىرى قولىمىزغا ئانچە يېتىپ كەلمىگەن. شۇڭلاشقا، نەشر قىلىنغان بۇ پەتۋالاردىكى سوئال - جاۋابلارنىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ھەقىقىي رېئاللىقنى، جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالىنى، ئىسلام ئالىملىرىنىڭ قاراش ۋە چۈشىنىشلىرىنى، ئاۋامنىڭ تىلى ۋە ئىجتىمائىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنىمۇ يېقىندىن كۆزىتىشتە قىممەتلىك ماتېرىيال دېيىشكە بولىدۇ. نەتىجىدە پەتۋانىڭ رولىنى شەرىئەتنىڭ مەلۇم مەسىلىدىكى ھۆكمىگە ئىخچاملىۋېلىشقا بولمايدۇ. بۇ جەھەتتىن نەشر قىلىنغان بۇ پەتۋالار دىنىي ساھەدىكىلەردىن سىرت ھەر ساھە تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ماتېرىيال بولۇپ قالغۇسى.
بۇ يەردە مەندىن سەمىمىي تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئايىمىغان، پەتۋالارنى كۆرۈپ چىقىش، ئىملاسىنى تۈزىتىش ۋە تەھرىرلەشتە كېچە - كۈندۈز ئىشلىگەن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»دىكى ھەربىر قېرىندىشىمغا، مېنى دۇئالىرىدا ياد ئېتىپ تۇرغان ئۇستاز ۋە ئوقۇرمەن قېرىنداشلارغا، شۇنداقلا «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»نى قوللاپ كېلىۋاتقانلارغا خالىسانە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، تۇرمۇش ۋە ھاياتىدىكى جىمى مەسىلىلەردە ئىسلام شەرىئىتى كۆرسەتمىسى بويىچە ياشاشقا تىرىشىپ، شەرئىي ھۆكۈمنى سوراپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ ھەقتە بەدەللەرنى تۆلەۋاتقان، قىيىنچىلىقلارغا ۋايسىمىغان ھەربىر مۇسۇلمان قېرىندىشىمغا ئالىي ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. ھەقتائالا ھەممىمىزنى دىندا سەباتلىق بىلەن تۇرۇشقا نېسىپ ۋە مۇيەسسەر قىلغاي!
2 - تومنىڭ مۇقەددىمىسىدە دېگىنىمدەك، پەتۋالاردىكى بەزى ئىجتىھادىي تەھلىل ۋە تەرجىھلەر، خۇلاسە - يەكۈنلەر ئىجتىھادىي بولۇش نۇقتىسىدىن ھەممىنىڭ ئىلمىي قانائىتىگە ماس كېلىپ كېتىشى ناتايىن. شۇنداقتىمۇ، ئۇستازلار ۋە ئەھلى ئىلىملەرنىڭ بۇ ھەقتە قىممەتلىك مۇلاھىزىلىرىنى ئورتاقلىشىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا ھەربىر ئوقۇرمەننىڭ كىتابتا بايقىغان خاتالىق، سەھۋەنلىك ياكى دىققەتسىزلىكلەرگە تۈزىتىش بېرىشىنى ۋە پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. ئاللاھ ئىگەم خاتالىقلىرىمنى ئەپۇ قىلغاي!
ھۆرمەت بىلەن:
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1447. 3 - سەفەر / م. 2025. 28 - تومۇز
ئاپتور
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
بەت سانى
800
مۇقاۋا
قاتتىق
نەشر يىلى
2026
نەشرىيات
ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
بۇ كىتابلارغىمۇ قاراپ بېقىڭ
ئىسلام دۇنياسىغا نەزەر
₺280.
00
پارچە
سېۋەتكە سېلىڭ
قەشقەردىكى مۇنبەردىن
₺345.
00
پارچە
سېۋەتكە سېلىڭ
ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ
₺402.
50
پارچە
سېۋەتكە سېلىڭ
تۈگىدى
چولپان يۇلتۇز
₺287.
50
پارچە
ئامباردا يوق
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاياللىرى
₺343.
85
پارچە
سېۋەتكە سېلىڭ
سۈننەت ۋە ئۇنىڭ ئىسلام قانۇنىنى بەلگىلەشتىكى ئورنى
₺330.
63
پارچە
سېۋەتكە سېلىڭ
ئۇ دۇنيا
₺462.
88
پارچە
سېۋەتكە سېلىڭ
ئىنسان ئۈچۈن نېگىزلىك ۋە ئاقىۋەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەر
₺357.
08
پارچە
سېۋەتكە سېلىڭ
دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاداققى تىنىقلىرىدا - قىيامەتنىڭ چوڭ - كىچىك ئالامەتلىرى
₺462.
88
پارچە
سېۋەتكە سېلىڭ
دەردلەر داۋاسى
₺727.
38
پارچە
سېۋەتكە سېلىڭ
ئىسلامىي سوئال - جاۋابلار خەزىنىسى
₺281.
36
پارچە
سېۋەتكە سېلىڭ
قۇرئانچىلارغا رەددىيە
₺376.
42
پارچە
سېۋەتكە سېلىڭ
ئىسلام، ئەقىل ۋە ئىلىم - پەن
₺275.
66
پارچە
سېۋەتكە سېلىڭ
ئەخلاقنى پاكلاش
₺532.
31
پارچە
سېۋەتكە سېلىڭ
سىياسىي ئاشقۇنلۇق
₺247.
14
پارچە
سېۋەتكە سېلىڭ
ئىسلامنىڭ ئالەم كۆز قارىشى
₺0.
00
پارچە
سېۋەتكە سېلىڭ
ئىسلام، ئىلىم مەرىپەت، ۋەتەن ۋە مىللەت
₺313.
68
پارچە
سېۋەتكە سېلىڭ
قۇرئاندىكى سىياسىي ئىسلاھات پىرىنسىپلىرى
₺256.
65
پارچە
سېۋەتكە سېلىڭ
تەپەككۇر ئىلھاملىرى - ماقالىلەر توپلىمى (2)
₺633.
06
پارچە
سېۋەتكە سېلىڭ
تەپەككۇر ئىلھاملىرى - ماقالىلەر توپلىمى (1)
₺633.
06
پارچە
سېۋەتكە سېلىڭ
باشبەت
مەھسۇلاتلار
سومكام
0
ياقتۇرغانلىرىم
ھېسابىم
قاچىلاش...